پاكىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار كەسكىنلىشىپ كەتتى

پاكىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار بۈگۈنمۇ داۋاملاشتى.

110211
پاكىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار كەسكىنلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا ئۆتكەن جۈمە كۈنى ھۆكۈمەتكە قارشى باشلانغان نارازىلىق نامايىشلىرى بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 4 ئادەم ئۆلدى، 400 ئادەم يارىلاندى.
ھۆكۈمەت ئۆكتىچىلەرنى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى، پاكىستان ئارمىيەسى بولسا مەسىلىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ئۆكتىچى رەھبەرلەردىن ئىمران خان ۋە پاكىستان خەلق ھەرىكىتى رەھبىرى تاھىرۇل قادىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن 25 مىڭ ئادەم، 15-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ناۋاز شەرىفنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىپ پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.
ناۋاز شەرىفنىڭ بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ ئۇتۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۆكتىچىلەر، تۈنۈگۈن كەچتە ناۋاز شەرىفنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئېلىشتى.
نامايىشچىلاغا ساقچىلارنىڭ توسالغۇ بولۇشى نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى، توقۇنۇش پۈتۈن بىر كېچە داۋاملاشتى. نۇرغۇن ئاپتوموبىل كۆيدۈرۈۋېتىلدى. ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى، بومبىلاردىن قاچقان بەزى نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىلىرىدىن ئاتلاپ پارلامېنت باغچىسىغا كىردى. پاكىستان ئارمىيەسى بولسا پارلامېنت بىناسىغا چېكىندى. نامايىشچىلار ئارمىيەسنى ۋەقەگە ئارىلىشىشقا چاقىردى. ئارمىيەنىڭ ھازىرچە بىتەرەپ بولۇشنى تاللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر