ئوباما: ئى شى د گە قارشى ھازىرچە ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىمىز يوق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھازىرچە ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى

107404
ئوباما: ئى شى د گە قارشى ھازىرچە ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھازىرچە ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.
ئوباما، ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى قانداق قەدەم تاشلاش مەسىلىسىدە ھازىرچە ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىمىز يوق» دېدى.
ئوباما، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىغا ئېھتىياج بار - يوقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈلگەن ھامان دۆلەت مەجلىسى بىلەن داۋاملىق كېڭەش ئېلىپ بارىمىز، دۆلەت مەجلىسىنىڭمۇ تالاش - تارتىشلارغا ئىشتىراك قىلىشى مۇھىم دەپ قارايمەن، جۈملىدىن ئامېرىكا خەلقىنىڭمۇ تالاش - تارتىشلارغا قاتنىشىشى پايدىلىق دەپ قارايمەن.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر