غەرب دۇنياسى كۈرتلەرنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىمەكتە

غەرب دۇنياسى كۈرتلەرنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇشتا قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

106230
غەرب دۇنياسى كۈرتلەرنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەرب دۇنياسىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇشتا كۈرتلەرنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش تىرىشچانلىقلىرى داۋملاشماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھاگېل، ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى كۈرتلەرنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن 7 دۆلەتنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەنگلىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، كانادا، كىرودىيە، دانىيە ۋە ئالىبانىيە ئىكەنلىكىنى، تەمىنلىنىدىغان قورال-ياراقلار ئارىسىدا كېچە كۆرۈش ئۈسكۈنلىرى، تانكىلارغا زەربە بېرەلەيدىغان توپ ئوقلىرى، قول بومبىلىرى قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
كىرودىيەنىڭمۇ سابىق يۇگوسلاۋىيە يىمرىلىش باسقۇچىدا ئىشلىتىلگەن قورال-ياراغلارنى  ئەۋەتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ «قىرغۇچى قوراللار» سىنىپىغا كىرمەيدىغان قورال-ياراغلارنى ئەۋەتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇئا ئولەند ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە ھەر بىر ئېتنىك گۇرۇپپا ۋە تەبىقىنىڭ ئامانلىق ئىچىدە ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ياردەملىرىنى ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر