كېررىي «ئۇرۇش توختىتىش» ھەققىدە گەپ قىلدى

جون كېررىي ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھەققىدە سۆز قىلدى.

105315
كېررىي «ئۇرۇش توختىتىش» ھەققىدە گەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، قاھىرىدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقلىرىنى ۋە بارلىق تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بارلىق ماددىلىرىغا تولۇق رىئايە قىلىشقا چاقىرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
جون كېررىي بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋاملىشىشىنى، روكېت ھۇجۇملىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ۋە غەززەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ تولۇق ھەل قىلىنىشىغا پايدىسى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى. كېررىي تىنچلىقنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن غەززە خەلقىگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ۋە ئامېرىكا بىلەن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ يولدا كۆرسىتىلىدىغان تىرىشچانلىقلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
جون كېررىي ئۇرۇش توختىتىشنى تولۇق بەرپا قىلىش يولىدا پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە پەلەستىن ھاكىمىيىتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر