ياۋروپادا ئىسىرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇمىغا قارشى بىريۇسسېل، ئانۋېرس ۋە ئامىستېردامدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

102774
ياۋروپادا ئىسىرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا تەخمىنەن 500 ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئەيىبلەندى. نامايىشچىلار ئىسىرائىلىيە ماللىرىنىڭ بايقۇت قىلىنىشىنى ۋە بېلگىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسىرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى. بېلگىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئانۋېرس شەھىرىدىمۇ ئىسىرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردامدىكى نامايىشچىلار، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى. نامايىشچىلار يەنە، گوللاندىيەنىڭ رايونغا قارىتىلغان سىياسىتىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى. تۈرك ۋە ماراكەشلىكلەردىن باشقا يەرلىك كىشىلەرمۇ قاتناشقان نامايىشتا، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك»، «ئىسىرائىلىيەگە بايقۇت»، «قەتلىئام ئاخىرلاشتۇرۇلسۇن» دەپ شوئارلار توۋلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر