ئوكرائىنا كىرزىسىگە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى...

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوكرائىنا كىرزىسىگە ھەل قىلىشتا ئىلگىرىلەش ھاسىل بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

94471
ئوكرائىنا كىرزىسىگە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىتېيمېر ئوكرائىنادىكى كىرزىسلەرگە سىياسىي ھەل قىلىش چارىلىرى تېپىش مەقسەت قىلىنغان مۇزاكىرىلەردە بەزى مۇھىم نۇقتىلاردا ئىلگىرىلەش ھاسىل بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سىتېيمېر بېرلىنغا ئىككىنچى قېتىم تەكلىپ قىلىنغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئوكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پايلو كىلىمكىن ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنت فابيۇس بىلەن تاشقى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى مېھانخانىسىدا ئۇچراشتى.
تەخمىنەن 5 سائەت داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ستېيمېر مۇزاكىرىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بەزى مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى، دەپ قارايمەن. بۇ ماڭا ئۈمىت بېرىدۇ» دېدى. سىتېيمېر مىنىستىرلارنىڭ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشقان مەسىلىلەرنى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كېڭەش قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى، بىراق بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
دىپلوماتىك مەنبەلەر مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋام قىلىپ قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئەتە ياكى سەيشەنبە كۈنى ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سىتېيمېر 2-ئىيۇلدا فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە ئوكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى بېرلىنغا دەۋەت قىلغان بولۇپ، كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئوكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىنغان ئىدى. خىتابنامىگە ئۇرۇش توختىتىشنى نىشان قىلغان ئاساستا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش، بارلىق گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنى قويۇپ بېرىش، ئوكرائىنا-رۇسىيە چېگرىسىدىكى قانۇنسىز كىرىپ-چىقىشلارغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن نازارەت خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ تەدبىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىجرا قىلىنالمىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر