شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مانېۋىر تەييارلىقى باشلىدى
«تىنچلىق بۇرچى-2014» ناملىق ھەربىي مانىۋېر ئىچكى موڭغۇلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «تىنچلىق بۇرچى-2014» ناملىق ھەربىي مانىۋېرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق 5 دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونوم رايونىدا تېررورىزمغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشنىڭ جىددىي تەييارلىقىنى قىلماقتا؛ ئىگىلىنىشىچە، مانېۋىرغا 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىدىكەن.
مانېۋىرنىڭ مۇددىئاسىنىڭ كۆپ مىللەتلىك قارار چىقىرىش مىخانىزىمىنى كۈچەيتىش، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئاشۇرۇش، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
24- ئاۋغۇستتىن 29- ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان ھەربىي مانېۋىر ئۈچۈن رايونغا ئەسكەر ۋە قورال – ياراغ يۆتكەش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. مانېۋىرغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، توشۇمىچى ئايروپىلانلار، تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ۋە بىرونىۋېكلار قاتناشتۇرۇلىدىكەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەرنىڭ ئۆتكەن يىلقى ھەربىي مانىۋېرى رۇسىيەنىڭ ئۇرال رايونىدىكى چېليابىنسكىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.