ئابباس: مىسىرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىلانىغىلا ئەگىشىمىز

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، «مىسىرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىغا ئەگىشىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تەشەببۇسنى قوبۇل قىلمايمىز» دېدى.

93718
ئابباس: مىسىرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىلانىغىلا ئەگىشىمىز

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، «مىسىرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىغا ئەگىشىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تەشەببۇسنى قوبۇل قىلمايمىز» دېدى.
مەھمۇد ئابباس، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن مىسىر ئوتتورىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىغا ئەگىشىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تەشەببۇسنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
راماللاھتىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغان ئابباس، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى ۋە تۆكۈلۈۋاتقان قاننى توختىتىش، ئارقىدىن غەززەنى قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئابباس، غەززەدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھېچقانداق بىر ئۇرۇشتا بولۇپ باقمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
سۆزى ئەسناسىدا ئەلئەقسا مەسجىدى ھەققىدىمۇ توختالغان ئابباس، «مەسجىدى ئەقسا بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىزدۇر. بۆلۈنۈشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر