پولشا بىلەن لېتۋانىيە رۇسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

پولشا بىلەن لېتۋانىيە مىللىيەتچى كىملىكى بىلەن تونۇلغان رۇس سىياسەتچى ۋلادىمىر زىرىنوۋسكىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

90204
پولشا بىلەن لېتۋانىيە رۇسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

پولشا بىلەن لېتۋانىيە مىللىيەتچى كىملىكى بىلەن تونۇلغان رۇس سىياسەتچى ۋلادىمىر زىرىنوۋسكىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
رۇسىيەلىك سىياسەتچى ۋلادىمىر زىرىنوۋسكى، غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بەرگەن تەقدىردە، پولشا بىلەن بالتىق ئەللىرىنىڭ «خەرىتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدىغانلىقى» نى ئېيتقانىدى.
رۇس سىياسەتچىنىڭ سۆزلىرىنى ئېغىر شەكىلدە ئەيىبلىگەن پولشا بىلەن لېتۋانىيە، رۇسىيە باش ئەلچىلىرىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى.
لېتۋانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، «باياناتلار رۇسىيە ئىمپېراتورلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسىدۇر» دەپ بايانات بەردى.
پولشا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمۇ «بۇلار ئادەتتىكى بىر پۇقرانىڭ باياناتلىرى ئەمەس» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.
رۇسىيەنىڭ ۋارشوۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولسا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى نامىدىن بايانات بەرمىگەن زىرىنوۋسكىنىڭ سۆزلىرىنى ئىزاھلاپ ئولتۇرۇش مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر