تايلاندتا تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى باشلاش ئالدىدا

تايلاندتا ھازىرقى ھاكىمىيەت تىنچلىق مۇزاكىرلىرى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتا.

89938
تايلاندتا تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى باشلاش ئالدىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاندتا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھاكىمىيەت تايلاندنىڭ جەنۇبىدا ئاپتونۇم تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار بىلەن بۇلتۇر مەيدانغا كەلگەن سىياسىي كىرزىس سەۋەبلىك توختىتىپ قويۇلغان تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنى قايتىدىن باشلاش ئالدىدا تۇرماقتا.
مەملىكەتلىك خەۋپسىزلىك كېڭىشى باش كاتىپى تاۋىل پىلىيىنسرى بۇ ھەقتا بايانات بېرىپ، بۇ ئاي توشماي تۇرۇپلا جەنۇبتىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىنچلىق مۇزاكىرلىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تايلاندتا ئارمىيەنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي، بۇرۇنقى باش مىنىستىر يىڭلاك شىناۋاترا ھۆكۈمىتى 2013-يىلى مالايسىيانىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشىدە دۆلەت مەسئۇللىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا دىئالوگ سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىدى.
تايلاندتا 22-مايدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئارمىيە، كېلەر يىلى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلاملاردىن ئىلگىرى سابىق باش مىنىستىر سىنۋاترانى قوللىغان «قىزىل كۆينەكلىكلەر» ۋە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچى «سېرىق كۆينەكلىكلەر» ئارىسىدىكى سۈركىلىشىنىڭ بېسىقىشى ۋە تايلاندتىكى ھەر قايسى تەبىقە ۋە گۇرۇھلار ئوتتۇرىسدا ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر