مىسىردا مەملىكەتلىك بىرلەشمە ئىتتىپاقى خەلقنى نامايىشقا چاقىردى

مىسىردا خەلق نامايىشقا چاقىرىلدى

88744
مىسىردا مەملىكەتلىك بىرلەشمە ئىتتىپاقى خەلقنى نامايىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىقىپ كېلىۋاتقان مەملىكەتلىك بىرلەشمە ئىتتىپاق ھەرىكىتى ياشلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى رىباتۇل ئادېۋىييە مەيدانىغا مۇخادىلە قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا قاتنىشىشقا چاقىردى.
ئىتتىپاقنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «رابىئاتۇل ئادېۋىييە مەيدانىغا قىلىنغان مۇداخىلەنىڭ خاتىرە كۈنى بولغان 15-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنىدە تەلىپىمىز قىساس نامى ئاستىدا باشلىنىدۇ ۋە داۋالغۇۋاتقان قۇدرەتلىك ئىنقىلابچى دولقۇنىنىڭ ئېچىلىشىنى ئېلان قىلىمىز.»
«رابىيا كۈنىدە شېھىتلەرنى ئەسلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئاشقۇن ھەرىكەتلەرنى قىلماستىن تىنچ ھالدا خەلق قارشىلىق كۆرىتىش مىخانىزىملىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىنىدۇ» دېيىلگەن باياناتتا، مىسىر ھاكىمىيىتى پۇقرالارنى نىشانغا ئالماسلىق بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، «ئارمىيە ۋە ساقچىلاردىن ۋەتەننىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ۋە مىسىر خەلقىگە ئازار بەرمەسلىككە چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى.
مىسىردىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنىڭ مەركىزى بولغان پايتەخت قاھىرەدىكى رابىئاتۇل ئادىيۋىييە ۋە ناخدا مەيدانلىرىغا 2013-يىلى 14-ئاۋغۇستتا ساقچىلارنىڭ مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، مىڭلارچە نامايىشچى يارىلانغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر