غەززە ئۈچۈن تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى

غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە ئۈچۈن تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى

88364
غەززە ئۈچۈن تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە ئۈچۈن تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كومىتېت، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، كومىتېتنىڭ، كومىتېت باشلىقى كانادالىق خەلقئارا قانۇن پىروفېسسورى ۋىليېم سىچاباس، سېنېگاللىق ئومۇمىي قانۇن مۇتەخەسسىسى دودو دىئېنې ۋە تېگى لىۋانلىق ئەنگىلىيەلىك ئادۋۇكات ئامال ئالامۇددىندىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كومىتېتنىڭ، كېڭەشنىڭ 2014 - يىلى 23 - ئىيۇلدىكى قارارىغا ئاساسەن قۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، كومىتېتنىڭ ئىسرائىلىيە 13 - ئىيۇندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئىشغال قىلغان غەززەدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا غەززە زېمىندا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە بۇنىڭ جاۋابكالىرىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغان كومىتېتنىڭ، بولۇپمۇ جاۋابكارلارنىڭ سوتقا تارتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە پۇقرالارنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان تەدبىرلەر مەسىلىسىدە تەۋسىيەلەردە بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، كومىتېت، كېڭەشنىڭ 2014 - يىلى سېنتەبىردە چاقىرىلىدىغان 27 - قېتىملىق يىغىنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارىغا مەلۇمات بېرىدىكەن، ھەمدە 2015 - يىلى مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان 28 - قېتىملىق يىغىنىدا يازما دوكلات سۇنىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر