سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قەتلىئاملىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ

بەششار ئەسەد قىسىملىرنىڭ تىك ئۇچارلىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا ۋارىل بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

87004
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قەتلىئاملىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارغا ۋارىل بومبىسى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇملاردا 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بەششار ئەسەد قىسىملىرى يەنە نىشان ئايرىپ ئولتۇرمىدى. ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدىكى رايونلارغا تىك ئۇچارلاردىن ۋارىل بومبىسى تاشلانغان ھۇجۇملاردا، 15 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ھۇجۇمدىن كېيىن، كادى ھەربىي رايونىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى يېقىن ئەتراپتىكىلەر قۇتقۇزۇۋالدى.
ھۇجۇمدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر