ئىيوردانىيە، غەززە لايىھەسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەقدىم قىلدى

ئىيوردانىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىغا ئالاقىدار يېڭى بىر قارار لايىھەسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى (ب د ت خ ك) گە تەقدىم قىلدى.

81323
ئىيوردانىيە، غەززە لايىھەسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەقدىم قىلدى

ئىيوردانىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىغا ئالاقىدار يېڭى بىر قارار لايىھەسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى (ب د ت خ ك) گە تەقدىم قىلدى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى بولغان ئىيوردانىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسى، غەززەنىڭ قايتىدىن ئىنشا قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارا مىقياسىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى ۋە ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىر قارار لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى. ئەرەب ئەللىرىنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىيوردانىيەنىڭ قارار لايىھەسىدە، ھۇجۇملاردىن قاچقان پۇقرالار پاناھلانغان ب د ت مەكتەپلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىشى مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ۋە غەززەدىكى ئىسرائىلىيە مۇھاسىرىسىنىڭ بىكار قىلىنىش چاقىرىقى قاتارلىقلار ئورۇن ئالىدۇ.
ئىيوردانىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى دىنا كاۋار قارار لايىھەسى ھەققىدە بايانات بېرىپ، «ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمىز ۋە ئۇنىڭ دائىمىي بولۇشىنى خالايمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى ۋە كېڭەش ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، كېچىككەندىمۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى بۈگۈن مەزكۇر لايىھەنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ لايىھەنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش ياكى بولماسلىقىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى مەلۇم. 15 ئەزاسى بار بولغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرى غەززەدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەيدىغان بىرەر قارار لايىھەسىنى ماقۇللىيالمىغان، پەقەت ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى مەزمۇن قىلغان بىر بايانات ئۈستىدىلا كېلىشىم ھاسىل قىلالىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر