لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگرىسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 30غا يەتتى

لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگرىسىغا جايلاشقان ئارسال ناھىيەسىدە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

80318
لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگرىسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 30غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگرىسىغا جايلاشقان ئارسال ناھىيەسى ۋە ئەتراپىدا دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن قورالىق گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانىنىڭ 30غا يەتكەنلىكى، 205 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ياردەم ئورگانلىرى ئۇيۇشمىسى رەئىسى ۋە لىۋان مۇسۇلمان ئالىملار ئۇيۇشمىسى ئەزاسى ھىسام ئەل غالى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، توقۇنۇشلار مۇشۇ پېتى داۋاملاشقان تەقدىردە «ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلەرنىڭ» يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەھۋالنىڭ ئىنسانلىق تىراگېدىيەسىگە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئىلگىرى، ئىنسانىي ياردەم كارىدورلىرى بەرپا قىلىنىپ يارىلانغانلارنىڭ يۆتكىلىشى ئۈچۈن دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى كېرەك» دېدى.
بەزى گۇرۇھلار تەرىپىدىن ئارسال ناھىيەسىدە سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ياشاۋاتقان مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا مەقسەتلىك توپ ئوقلىرى ئېتىلغانلىقىنى، 6 لاگېرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتقان غالى، دورا قىيىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار، ئاپتوموبىللارنىڭ نىشانغا ئېلىنىپ ئوت قويۇۋېتىلىشى قاتارلىق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى سەۋەبلىك رايونغا ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتەلمىگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.
لىۋان ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەلىك گۇرۇپپىلاردىن بىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەبۇ ئەھمەد ئەل جۇمەنىڭ ئارسال ناھىيەسىدە شەنبە كۈنى تۇتقۇن قىلىشىدىن كېيىن توقۇنۇشلار باشلىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر