ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدى

ئىسرائىلىيە 7 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدى.

78875
ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ قارارىغا رىئايە قىلىپ قىلماسلىقىنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ.
بۈگۈن ئەتىگەندە تۈركىيە سائىتى 10دا باشلىغان ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا رىئايە قىلىنغان تەقدىردە ،ئۇرۇش توختىتىش 7 سائەت داۋاملىشىدۇ. ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبى قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن ب د ت مەكتىپىنى بومباردىمان قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيە ھۇجۇم قوزغىغاندىن باشلاپ، ھەر بىر سائەتتە 17 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ياكى يارىلاندۇرغانلىقىنى، ھەر 3 سائەتتە بىر بالىنى قەتلى قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئىسرئىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.
ئىسرائىلىيە تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەۋە بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلىپ 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى. باش كاتىپ بان كىمۇن ھۇجۇمنى «ئەخلاقىي ۋەيرانچىلىق نەتىجىسىدە خەلقئارا قانۇن دەپسەندىچىلىكى» دەپ تەرىپلىدى. بىراق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىن چاقىرىشى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئىيۇلدىن باشلاپ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1840قا، يارىلانغانلارنىڭ سانى بولسا 9370غا يەتتى. 64 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلدى. ئۆلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى سەۋەبلىك ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ پىكىر جەھەتتىن ئىككىگە بۆلۈنۈش ئېھتىمالى كېلىپ چىقتى. دەرۋەقە، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇرۇش توختىتىشقا قارشى چىقىپ، ھۇجۇمنى كۈچەيتىشنى ۋە ئۆلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئاز بىر قىسمى بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر