تۈركىيە يەكەن ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

77794
تۈركىيە يەكەن ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە يەكەندە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ھەققىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى مۆتىدىل ۋە ئادىللىق بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، شۇنداقلا ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ جاۋابكارلارنى تېپىشقا چاقىردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، يەكەندە 28-ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ھەر خىل مەنبەلەردىن ئېلىنغان خەۋەرلەردە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشمىغان رەقەملەرنىڭ بايان قىلىنغانلىقى، بىراق ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئانا ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالماي قاتتىق نارازى بولماقتا» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە، «شۇڭلاشقا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدە مۆتىدىل ۋە ئادىللىق بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشىنى، شۇنداقلا كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر جاۋابكارلارنىڭ چوقۇم جازاغا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى. باياناتتا، « ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلەرنىڭ تۈگىتىلىشى ياكى ھەل قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىكلىرى بولۇپ ئاساسلىق ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى زۆرۈر بولۇپ قالماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر