ھاماس: ئىسرائىلىيەگە ئادداقىچە قارشى تۇرىمىز

ھاماس ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا ئادداقىچە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

77831
ھاماس: ئىسرائىلىيەگە ئادداقىچە قارشى تۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىغا ئادداقىچە قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ھاماس باياناتچىسى فەۋزى بەرھۇم بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن پۈتۈنلەي ئىسرائىلىيەنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا ئادداقىچە قارشى تۇرىدۇ» دېدى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرى موشې يالوننىڭ غەززەدىكى تۇنېللارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى تەنقىد قىلغان بەرھۇم مۇنداق دېدى: «نېتانياھۇ تۇنېللارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلجىرلاپ، يالغاندىن غەلىبە قىلغانلىقلىرىنى جار سېلىۋاتىدۇ. ئۇ پەقەت ئۆيلىرىدە ئولتۇرىدىغان بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلىپ، يالغان غەلبىدىن سۆز قىلىدۇ». بەرھۇم نېتانياھۇنىڭ سۆزلىرىنى «ئىسرائىلىيەنىڭ زەئىپلەشكەن كەيىپىياتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى» دەپ تەرىپلىدى.
نېتانياھۇ تۈنۈگۈن كەچتە مۇداپىئە مىنىستىرى موشې يالون بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، غەززەدە مىڭلارچە يەرگە زەربە بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ئارمىيەمىز ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئاساسىدا غەززەدىكى تۇنېللارغا زەربە بېرشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنىدى. مۇداپىئە مىنىستىرى يالونمۇ «تۇنېللارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلاي دەپ قالدۇق، تۇنېللارنى ۋەيران قىلىپ ھاماسنى ئۆز قەلئەسىدە ئۇجۇقتۇرىمىز» دېگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر