ئىسىرائىلىيە 24 كۈندىن بۇيان غەززەگە بومبا ياغدۇرماقتا

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەر رايونىنى، تېرىقچىلىق ئېتىزلىرىنى ۋە بىر جامەنى نىشانغا ئالغان ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

75468
ئىسىرائىلىيە 24 كۈندىن بۇيان غەززەگە بومبا ياغدۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 30– ئىيۇل ئەڭ قانلىق بىر كۈننى باشتىن كەچۈرگەن غەززە، ئەتىگەندە يەنە يېڭى بومباردىمانغا ئۇچرىدى.
ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى ھاماسنىڭ قوماندانلىق مەركەزلىرىنى، راكىتامىيوت ئېتىش نۇقتىلىرىنى ۋە ئالدىنقى سېپىنى نىشانغا ئالغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە بىر بازارغا ۋە پاناھلىنىش جايى قىلىپ قوللىنىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئائىت بىر مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 129 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 460 ئادەم يارىلاندى.
ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىنغانلىقىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى. «ئۇخلاۋاتقان بالىلارغا ھۇجۇم قىلىشتىن نومۇس قىلىدىغان ئىش يوق» دېگەن بان كىمۇن، ھۇجۇمنىڭ «زالىملارچە ۋە تېتىقسىزلارچە» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا، غەززەنى «ئاپەت رايونى» دەپ ئېلان قىلدى. ئۇ ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇنغا ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا، خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەكىتلەپ، غەززەدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە بىخەتەرلىكىنى قامداشنى چاقىرىق قىلدى. ئۇ يەنە، غەززەدىكى ھۇجۇملاردىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان پاناھلانغۇچىلارنى بىخەتەر جاي، يېمەك – ئىچمەك، پاكىزە سۇ ۋە دورا بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ جەرياندا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئىككى پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ 7 – ئىيۇلدىن باشلاپ قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 1360 تىن ئاشتى، 7600 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر