خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرەپلەرنى شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرەپلەرنى غەززەدە دەرھال ۋە ئالدىنقى شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

72790
خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرەپلەرنى شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى


 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرەپلەرنى غەززەدە دەرھال ۋە ئالدىنقى شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۈگۈن يىغىن چاقىرىپ، مەزكۇر چاقىرىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانۇن لايىھەسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.
رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىندى.
بۇ ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىمۇ داۋاملاشماقتا.
بىريۇسسېلدا ياۋروپا كېڭىشى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئىسرائىلىيەنىڭ بايقۇت قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.
غەززەدىكى قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى بىيۇروسىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىگە غەزەپلىنىۋاتقان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر