خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرەپلەرنى غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

72774
خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرەپلەرنى غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددىي يىغىنغا چاقىرىغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى، تەرەپلەرنى دەرھال ۋە ئالدىنقى شەرتىسز ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغان رەئىس باياناتىدا، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا تولۇق ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىندى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 15 ئەزاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن باياناتىدام ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ روزا ھېيتنىڭ ئالدى – كەينىدە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى تەلەپ قىلىندى.
رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق بارلىق كۈچلەرنىڭمۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىش باسقۇچىغا ھەسسە قوشۇشلىرى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشلىرى تەلەپ قىلىندى.
بۇ ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىمۇ داۋاملاشماقتا.
بىريۇسسېلدا ياۋروپا كېڭىشى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئىسرائىلىيەنىڭ بايقۇت قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.
غەززەدىكى قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى بىيۇروسىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىگە غەزەپلىنىۋاتقان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر