غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدىكى ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا

غەززەدە توقۇنۇشلار سۈرئىتىنى قىسمەن ئاستىلاتقان بىر پەيتتە، ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدىكى ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا

72807
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدىكى ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدە توقۇنۇشلار سۈرئىتىنى قىسمەن ئاستىلاتقان بىر پەيتتە، ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدىكى ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا.
ھاماس، روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، 24 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.
ھاماسنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىن كېيىن رايوندىن داۋاملىق توقۇنۇش خەۋەرلىرى كەلمەكتە.
ھەر ئىككى تەرەپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
غەززەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1062 گە، نارىسىدە بالىلار ۋە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يارىلانغانلارنىڭ سانى 6 مىڭ 300 گە يەتتى. رايوندا يېمەك - ئىچمەك، تىببىي ماتېرىياللارنىڭ يوقلۇقى ئىقتىسادىي كىرىزىسنى بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەكتە. قەتلىئامدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ % 42 تىنى بولسا نارىسىدە بالىلار تەشكىل قىلماقتا. ئىسرائىلىيە تەرەپتىن ھازىرغىچە 43 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى، 3 ئىسرائىلىيە پۇقراسى ھاماسنىڭ روكېت ھۇجۇملىرىدا ئۆلدى. بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن غەززە مەسىلىسى توغرۇلۇق تېلېفونلاشتى. ئوباما، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى مەسىلىسى تۈپەيلى غەززەدە ئالدىنقى شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئوباما، 2012 - يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە توقۇنۇشلارغا تامامەن خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر