ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن ئوتتۇرا شەرقتە ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

69656
ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خالىت مەشئەل ئۇرۇش توختىتىلسا، غەززەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگو ۋە قورشاۋلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلىپىنى تەكرارلىدى.
ئامېرىكا تاشقى مىنىستىرى جون كېررىي ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئىسىرائىلىيە ۋە پەلەستىننىڭ مەسئۇل كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ ئالدى بىلەن ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى شىمون پېرېس ۋە ئارقىدىن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ كۆرۈشۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ۋە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى، ئەمما تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. ئۇ ئارقىدىن زىيارەت پىلانى دائىرىسىدە مىسىرغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق شىركەتلەر ھاۋا قاتنىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن بېن گۇرىيون ئايرودۇرۇمىدىن قاھىرەگە قاراپ ئۇچتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى بان كىمۇن ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن قۇددۇستا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، ئىيوردانىيە پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مىسىر رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان كېلىشىم تۈزۈش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «ھەممىمىز بىرلىكتە بالدۇرراق ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.
پەلەستىن دۆلەت رەھبىرى مەھمۇت ئابباس ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ ھېمموند بىلەن راماللاھتا كۆرۈشتى. ھېمموند كۆرۈشۈشتىن كېيىن، جون كېررىي ۋە مىسىر رەھبەرلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ھاماسنىڭ سىياسىي قانىتىنىڭ مەسئۇلى خالىد مەشئەل قاتار پايتەختى دوھادا ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ ئۇرۇش توختىتىلسا، غەززەگە قارىتىلغان ئېمبارگو ۋە قورشاۋنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر