ياۋروپا، رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىرىپ، ئۇكرائىنادا چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگونىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

67929
ياۋروپا، رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىرىپ، ئۇكرائىنادا چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگونىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.
300 گە يېقىن يولۇچى ۋە مۇلازىمەتچى خادىم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەقەدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆزئارا ئۇچراشقان مىنىستىرلار، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىنىڭ ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىنىڭ قانۇننىڭ بىتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى. موسكۋا ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلاش يولىدا قەدەم تاشلىمىغان مىنىستىرلار، نىشان مەركەزلىك ئېمبارگولار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلارنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلدى.
بۇ دائىرىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان يېڭى ئەمەلدار ۋە ئورگانلارنىڭ ئىسىم تىزىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلار ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە سۈرئىتىنى ئاشۇرىدۇ؛ تەييارلىقلار مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاماملانغاندىن كېيىن، قىرىمنىڭ رۇسىيەگە باغلىنىشى ياكى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى مۇقىمسىز ۋەزىيەتتىن پايدىلانغان كىشى ۋە ئورگانلارغا يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىمۇ كېڭەيتىلىدۇ.
مىنىستىرلار يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، رۇسىيە كۈتۈلگەن شەكىلدە قەدەم تاشلىمغان ئەھۋالدا يېڭى ئېمبارگو پىلانىنى كېچىكمەستىن قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنىمۇ ئېلان قىلىشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر