پارىژدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

پارىژدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش چەكلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

65057
پارىژدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە پارىژ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە قارىماي، پايتەخت پارىژدا تۈنۈگۈن مىڭلارچە ئادەم ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
باربەس مەيدانىدا يىغىلغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى. ساقچىلارغا تاش ۋە بوتۇلكا ئاتقان نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىلدى.
ساقچىلار قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان نامايىشتا ئىسرائىلىيە بايراقلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلدى. 2 ساقچى، 3 ژاندارما يارىلاندى، 33 نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك چەكلىمە ھۆكۈمەتنى ئىككىگە ئايرىۋەتتى. بەزى سوتسىيالىست پارتىيە پارلامىنېت ئەزالىرى پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزۈش چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
ئۇلار بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «فىرانسىيە تىنچلىقنىڭ تەرەپدارى بولۇشى كېرەك، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ چەكلىمە قارارىغا قارشى چىقىمىز. ھۆكۈمەت چەكلىمە قارارنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى لازىم» دېيىشتى.
پارىژ ۋە نايىك شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان نامايىشلار چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مارسىليا، لىللې، لىيون، نىمېس، سىتاسبورگ ۋە مونتوپېللىيىر شەھەرلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشكە رۇخسەت قىلىندى.
پىرېزىدېنت فىرانسۇئا ئولەند نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇردى. چادتا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئولەند «چەكلىمىلەرنىڭ ئەكسىچە نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ بەدىلىنى چوقۇم تۆلەيدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر