غەززەگە 5 يۈك ماشىنىسى ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلدى

ئىسرائىلىيەگە غەززەگە ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 5 يۈك ماشىنىسىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى.

65056
غەززەگە 5 يۈك ماشىنىسى ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە غەززەگە ئىچىدە دورا ۋە ئەدىياللاردىن تەشكىل تاپقان ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 5 يۈك ماشىنىسىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت بەردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك غەززەدە دورا، ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقى يۈز بەرمەكتە. ئىسرائىلىيە غەززەگە ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 5 يۈك ماشىنىسىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت بەردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئەرز چېگرا ئېغىزىدىن قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ غەززەگە يېتىپ بارغان يۈك ماشىنىلىرىنىڭ مىدېتسىا بۇيۇملىرى ئېلىپ ماڭغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يۈك ماشىنىلىرىدىكى 20 توننىلىق مېدىتسىنا بۇيۇملىرى ئىچىدە ئانتىبىئوتىك دورىلار، دەسلەپكى قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ۋە ئەدىياللار بارلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر