كېرى نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

63131
 كېرى نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، كېرى بىلەن نېتانياھۇ ئۇچرىشىشتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
ھەر ئىككى تەرەپتىن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم خەۋپىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كېرى، پۇقرالارنى قوغداش ۋە ئۆلۈپ كېتىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى لازىملىقىنى قەيت قىلغان.
باياناتتا، كېرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنېللاردىن پايدىلىنىپ تەھدىتلەرگە قارشى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى بارلىقى، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭمۇ تۇنېللار بىلەنلا چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رايوندىكى سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلغان كېرى، مىسىر باشچىلىقىدا 2012 - ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر