ئىسىرائىلىيە چېگرا ئېغىزىنى تاقايدۇ

ئىسىرائىلىيەنىڭ سودا مەھسۇلاتلىرى كىرگۈزۈلىدىغان كېرم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىنى تاقاش قارارى ئالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

133095
ئىسىرائىلىيە چېگرا ئېغىزىنى تاقايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق چېگرا ۋە چېگرا ئېغىزلىرى ھەيئىتىنىڭ باشلىقى نازمى مىھنە يازما باياناتىدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كېرم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىملىق ئۇقتۇرۇش چىققىچە تاقاش قارارى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسىرائىلىيە 2006 – يىلىدىن باشلاپ ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان غەززەدىكى يەتتە چېگرا ئېغىزى ئىچىدىكى رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن باشقا ئالتە چېگرا ئېغىزى ئىسىرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا. غەززەدىكى تۆت چېگرا ئېغىزى 2007 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئىسىرائىلىيە تەرىپىدىن تاقالغان ئىدى. بەيت ھانۇن چېگرا ئېغىزى چەت ئەللىكلەر ئۈچۈن، غەربىي ئىيوردان چېگرا ئېغىزى سودا – سانائەتچىلەر ۋە كېسەللەر ئۈچۈن ، كېرم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزى بەزى سودا مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن قىسقا مۇددەتلىك ئېچىۋېتىلەتتى.
ئىسىرائىلىيە يىللاردىن بۇيان ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان غەززەگە قارىتا، 7 – ئىيۇل باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 220 دىن ئېشىپ كەتتى، يارىلانغانلارنىڭ سانى بولسا 700 گە يەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر