يەمەن ئارمىيەسى ھۇسى قوراللىقلىرى بىلەن توقۇنۇشتى

يەمەننىڭ شىمالىدىكى جەف شەھىرىدە ئارمىيە بىلەن ھۇسى قوراللىقلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى؛ ۋەقەدە ئىككى تەرەپتىن 34 ئادەم ئۆلدى.

131129
يەمەن ئارمىيەسى ھۇسى قوراللىقلىرى بىلەن توقۇنۇشتى

يەمەننىڭ شىمالىدىكى جەف شەھىرىدە ئارمىيە بىلەن ھۇسى قوراللىقلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى؛ ۋەقەدە ئىككى تەرەپتىن 34 ئادەم ئۆلدى.
يەمەن بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلاردا يەنە 35 ئادەم يارىلاندى. توقۇنۇشلار ھەسەن سالىھ ھەربىي بازىسىغا يېقىن جايدىكى ھۇسىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئەسناسىدا مەيدانغا كەلدى. سەفرا رايونىدىكى ھەسەن سالىھ ھەربىي بازىسى 2011- يىلى ھۇسىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، يەمەن ئارمىيەسى 13- ئىيۇل كۈنى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، رايوننى قايتىدىن قولىغا ئالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر