ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

127589
ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە غەززەنى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 165كە، يارىلانغانلار سانى 1085 كە يەتتى.
ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە قاراشلىق بىر ئالاھىدە قىسىمنىڭ شىمالىي دېڭىز ساھىلى تەرىپىدىن غەززەگە كىرىشكە ئورۇنغانلىقى، قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىززۇددىن قەسسام بىرىگاداسى بىلەن شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. دېڭىز ئارقىلىق كىرىش ھەرىكىتىگە ئىسرائىلىيە ھۇجۇمچى كېمىلىرى ۋە ئۇرۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقى تەكىتلەندى.
نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، دېڭىز ئارقىلىق ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىكلەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللار، بومبا ۋە روكېت ئېتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى؛ پەلەستىنلىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرى ئادەتتىكى مىلتىق، زەمبىرەك ۋە پىلىمۇتلارنى ئىشلىتىپ قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
غەززەدىكى بىر نەپەر ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار، دېڭىز قىرغىقى رايونىنىڭ ئۈسىتىدىن 20 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقانلىقىنى ئېيتتى. ئىسرائىلىيەنىڭ دېڭىز ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى ئەسناسىدىكى توقۇنۇشلاردا ئىككى تەرەپنىڭ قانچىلىك تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىززۇددىن ئەلقەسسام بىرىگاداسىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋگە J80 تىپلىق بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇرۇشنىڭ يەتتىنچى كۈنىدە ئىسرائىلىيە، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىمۇ ئىلاۋە قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن شىمالىي غەززەدىكى ئۆي – ماكانلارنىڭ بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامالسىز خەلق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) گە تەۋە مەكتەپ ۋە بىنالاردا پاناھلىنىشقا باشلىدى. رايوندىكى كۆپلىگەن ئۆي – ماكان ھۇجۇملارنىڭ نىشانىغا ئايلاندى.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 40 مىڭ زاپاس ئەسكەرنى ۋەزىپىگە چاقىرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر