ئوباما، بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامرېكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

126271
ئوباما، بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى


ئوباما ئەوج ئېلىپ كېتىۋاتقان جىددىيچىلىككە قارىتا ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئېلىپ، سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.
ئاق سارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئوباما بىلەن نېتانياھۇنىڭ شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردانىيەنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيەگە ئېتىلغان راكىتامىيۇتلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوبامانىڭ، ئىسرائىليەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
تېلېفۇن سۆھبىتىدە ئوبامانىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىغا قورالسىز پۇقرالارنى قوغداشقا قارىتا كېرەكلىك پۈتۈن قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىقتا بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكىنىڭ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنى يۇقۇتۇش ۋە ئۇرۇش توختىتشىش كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەتكە تەييار تۇرغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئۆتكەن ھەپتە پەلەستىنلىك ياشنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ ئىسرائىلىيە سوتىغا تاپشۇرۇلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقى تىلغا ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر