ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ھەل قىلىش ھەركىتىنى قوللىدى

نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلغان يېڭى تەدبىرلىرىدىن خوشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

117835
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ھەل قىلىش ھەركىتىنى قوللىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەل قىلىش ھەرىكىتىنى قايتىدىن جانلاندۈرۈشنى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلغان يېڭى تەدبىرلىرىدىن خوشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالي ۋەكىلى كاترېن ئاشتېن بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭىيىشىگە ۋە خوشنىدارچىلىق سىياسىتىگە مەسئۇل ئەزاسى سىتىفېن فولنىڭ باياناتچىلىرى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئورتاق يازما باياناتتا، يېڭى قانۇننىڭ مۇزاكىرىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەمدە تۈركىيەدىكى مۇقىملىق بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا ئىجابىي تۆھپە قوشقىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئاساس قىلغان تىرىشچانلىقلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدۇ» دېيىلدى.

.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر