بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 37 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدىكى رايونلارنى بومباردىمان قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

116569
بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 37 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا 37 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدىكى رايونلارغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سۈرىيە ئومۇمىي ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى ئېلان قىلغان باياناتتا، بەششار ئەسەد قىسىملىرىغا ئائىت ھەربىي تىك ئۇچارلارنىڭ قوزغىلاڭچىلار ھەلەبتە كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان شەئار رايونىغا جايلاشقان بىر يېزىدىكى كۆۋرۈكنىڭ ۋارىل بومبىسى بومباردىمانىدا ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ ھەلەب ئەتراپىدىكى ناھىيە ۋە بازارلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
سۈرىيە سانا خەۋەر ئاگېنتلىقى، خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە نۇرغۇنلىغان قوراللىق كىشىلەرنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر