ئىراق ئ ش ئ د نىڭ قارارگاھلىرىنى بومباردىمان قىلدى

رايوندىكى مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 200 ماشىنىلىق ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) كۈچلىرىنى مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى ھارامات رايونىدا بومباردىمان قىلغان.

114421
ئىراق ئ ش ئ د نىڭ قارارگاھلىرىنى بومباردىمان قىلدى

رايوندىكى مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى باغدادقا قاراپ يولغا چىققان 200 ماشىنىلىق ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) كۈچلىرىنى مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى ھارامات رايونىدا بومباردىمان قىلغان.
ھۇجۇمدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى سېپىدىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، بەشىنچى بىرىگادا قارارگاھى جايلاشقان دەرەخزارلىق رايون ئەلغاباتتىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ مىلىتانلىرى جايلاشقان يەرلەرنى بومباردىمان قىلدى.
بومباردىماندا ئىشلىتىلگەن ئايروپىلانلارنىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالغان SU-25 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئالېكساندر لۇكاشېۋىچ بايانات بېرىپ، ئىراققا SU-25 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكلىرىنى جەزملەشتۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر