ئىسرائىلىيە غەززەدىكى تېرۇلغۇ يەرلەرنى توپقا تۇتتى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى تېرۇلغۇ يەرلەرنى توپقا تۇتتى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەنىڭ ئەلقارارا رايونىدىكى تېرۇلغۇ يەرگە 5 قېتىم توپ ئاتتى.
ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى. بەزى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى ۋە تېرۇلغۇ جايلىرى زىيانغا ئۇچرىدى.
يەنە بىر تەرەپتە غەززەدىن ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىغا 5 مېناميۇت بومبىسى ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيە باياناتچىسى ئاۋھاي ئادېرا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېتى تىۋىتتېردىكى ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، غەززەدىن ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىغا 5 مېناميۇت بومبىسى ئېتىلغانلىقىنى، بۇلاردىن ئىككىسىنىڭ تۆمۈر گۈمبەز باشقۇرۈلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما قالغان مىناميۇت بومبىلار ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىنقى كېچىدە غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 2 نەپەر پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.