ئامېرىكا ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراققا يېتىپ باردى

ئىراققا ئەۋەتىلىدىغان ئامېرىكىلىق مەسلىھەتچىلەرنىڭ بىرىنچى تۈركۈمىنىڭ رايونغا يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

106367
ئامېرىكا ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراققا يېتىپ باردى

ئىراققا ئەۋەتىلىدىغان ئامېرىكىلىق مەسلىھەتچىلەرنىڭ بىرىنچى تۈركۈمى رايونغا يېتىپ باردى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 130 نەپەر ھەربىي مۇتەخەسسىسنىڭ ئىراققا بېرىپ جايلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى. پېنتاگون باياناتچىسى جون كېربي، 40 كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئىككى ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى رايونغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.
كېربي، يەنە 90 ھەربىي مۇتەخەسسىسنىڭ ئىراققا بارغانلىقىنى، شۇنداق قىلىپ 130 كىشىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتچى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە 50 كىشىلىك بىر ئەترەتنىڭ باغدادقا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىراققا يېتىپ بارغان ئەسكەرلەرنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى، ئىستىخبارات ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇچۇر – ئالاقە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.
ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئ ش ئ د) غا ئالاقىدار ئۇچۇر توپلاش خىزمەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى قەيت قىلغان باياناتچى، كۈندە 30، 35 قېتىم ئايروپىلان ئارقىلىق مەلۇمات توپلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئىراق ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىگە ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن 300 دەك ھەربىي مۇتەخەسسىسنىڭ رايونغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر