ئامېرىكا ئىراقتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.

96197
ئامېرىكا ئىراقتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.
ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى باغدادتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بىراق ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ باشقا جايلارغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ بەزى رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە مۇقىمسىزلىق سەۋەبىدىن باغدادتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا بەزى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئەربىل، باسرا ۋە ئۇمماندىكى كونسۇلخانىلارغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكىمۇ باغدادتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى سانىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پېنتاگون ئەلچىخانا خادىملىرى تەلەپ قىلغان تەقدىردە تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئايروپىلاننىڭ تەق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ھاكىمىيىتى تىكرىتتە 1700 شىئە ئەسكەرنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر قاراشلارنى مۇئەييەنلەشتۈرمەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
باياناتتا زوراۋانلىق مەقسەت قىلىنغان بۇنىڭغا ئوخشاش ھەر قانداق قىلمىش ۋە ھەرىكەتلەر قاتتىق ئەيىبلەندى، ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى ئىراق خەلقىنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى بىرلىك بولۇشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر