ئامېرىكا ئەرەب قولتۇقىغا ئاۋىئاماتكا يوللىدى

ۋاشىنگتون دائىرىلىرى ئىراق مەسىلىسىدە تۇنجى كونكېرت قەدىمىنى تاشلىدى.

95237
ئامېرىكا ئەرەب قولتۇقىغا ئاۋىئاماتكا يوللىدى

ۋاشىنگتون دائىرىلىرى ئىراق مەسىلىسىدە تۇنجى كونكېرت قەدىمىنى تاشلىدى؛ ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر ئاۋىئاماتكىسىنى ئەرەب قولتۇقىغا ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
پېنتاگون تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھاگېلنىڭ بىر ئاۋىئاماتكىنىڭ ئەرەب قولتۇقىغا قاراپ يولغا چىقىشى توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ تەستىقى بىلەن يولغا چىققان ئۇرۇش پاراخوتى ئارقىلىق رايوندىكى ئامېرىكىلىقلار ۋە ئىراقنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكىرىي تەدبىرلەرنىڭ ئىلاستىكىلىق تۇتۇلۇشىنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى. شۇنداقلا ئاۋىئاماتكىغا سەپىرى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھەمراھ بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مەزكۇر ئاۋىئاماتكا خېلىدىن بويان ئوتتۇرا شەرق رايونىغا يېقىن جايلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر