گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاندنىڭ بىرلىكتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

95219

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى جورج سترېيتېر بايانات بېرىپ، مېركېلنىڭ پۇتىنغا ئۇكرائىنادا چۈشۈرۈۋېتىلگەن ھەربىي ئايروپىلاندا ئۆلۈپ كەتكەنلەر سەۋەبىدىن ‹قورقۇپ كەتكەنلىكى› نى ئېيتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پروشېنكونىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىككى رەھبەر ئۇچرىشىشتا يەنە پۇتىندىن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى ۋە رۇسىيەدىن ئۇكرائىناغا كىرگەن قورال ۋە جەڭچىلەرنىڭ توسۇپ قېلىنىشى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىنى جىددىي مەنىدە كونترول قىلىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
سترېيتېر باياناتىدا يەنە، ئولاند ۋە مېركېلنىڭ پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان پېترو پروشېنكونى ئېتىراپ قىلىشىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر