مۇسۇل ئايرودۇرۇمى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى

ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ مۇسۇل ئايرودۇرۇمى بىلەن شەھەردىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ كونتىروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

89164
مۇسۇل ئايرودۇرۇمى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ مۇسۇل ئايرودۇرۇمى بىلەن شەھەردىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ كونتىروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن رايونلار ئارىسىدا شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئەتتەيەران مەھەللىسىگە جايلاشقان نىنەۋا ھەربىي ھەرىكەت بىناسى، ۋالىي مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.
جامائەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، كونتىروللۇقى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن رايوندا ياشاۋاتقان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، شەھەردە جىددىىي ھالەت ئېلان قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە قېچىشقا باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ پۈتكۈل شەھەرنىڭ كونتىروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن داۋاملىق توقۇنۇشۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مۇسۇلنىڭ كونتىروللۇقى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن رايونىدا تارقىتىش بېرىۋاتقان سەما ۋە نىنەۋا ئەلغەد تېلېۋىزىيە قاناللىرى خىزمەتتىن توختىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر