جۇڭگودا تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك 126 ئادەم ئۆلدى

جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن تەبىئىي ئاپەتلەردە كېيىنكى بىر ئايدا 126 ئادەم ئۆلدى

89148
جۇڭگودا تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك 126 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگودا تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك كېيىنكى بىر ئايدا 126 ئادەم ئۆلدى.
جۇڭگو خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەملىكەت مىقىياسىدا ئۆتكەن ئاي مەيدانغا كەلگەن تەبىئىي ئاپەتلەر 21مىليون 800مىڭ ئادەمگە تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا بۇ ئاپەتلەردە 777مىڭ ئادەم يۇرتلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
تەبىئىي ئاپەتلەر بۇ يىل ماي ئېيىدا 54 مىڭ ئۆينىڭ ۋەيران بولۇشىغا، 323 مىڭ ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچۇرۇشىغا سەۋەب بولغان بولسا، 2 مىليون 400مىڭ گېگتارلىق تېرىلغۇ ئېتىزلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.
جۇڭگو مىقياسىدا تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەب بولغان ئىقتىسادى زىياننىڭ مىقدارى 4 مىليارد 170مىليون دوللارغا يەتكەن.
جۇڭگودا ماي ئېيىدا شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل، تاغ غۇلاپ چىقىش ھادىسىگە ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەردىن سىرت، قۇرغاقچىلىق، دالا ئوت ئاپىتى ۋە يەر تەۋرەشكە ئوخشاش نۇرغۇن تەبىئىي ئاپەتلەر كېلىپ چىققان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر