ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋام قىلماقتا

مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بىر قۇرۇلۇش ئورنىغا توپ ئوقى چۈشۈپ، بەشى بىر تۇغقان جەمئىي 10 ئىشچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

86657
ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋام قىلماقتا

ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋام قىلماقتا؛ مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمىغا 124 كىلومېتىر كېلىدىغان سىنجار ناھىيەسىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىغا توپ ئوقى چۈشۈپ، بەشى بىر تۇغقان بولۇپ جەمئىي 10 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بىناغا تەگكەن توپ ئوقىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ۋە كىملەر تەرىپىدىن ئېتىلغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، رايوندا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى بىلەن ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
پايتەخت باغدادتا تۈنۈگۈن شىئەلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە ئارقا – ئارقىدىن ماشىنا بومبىلار پارتلىتىلىپ 60 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى. ئەمما، ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.
چەت مەھەللىلەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مىلىتانلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رامادىدىمۇ تۈنۈگۈن قوراللىق كىشىلەرنىڭ ئەنبار ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھۇجۇم قىلىپ 1300 ئادەمنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى، ئارقىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھېلىھەم مىلىتانلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكى، ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى بىلەن مىلىتانلارنىڭ توقۇنۇشۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ رامادى بىلەن فەللۇجە ئارىسىدىكى ھۇمەيرا رايونىنى قولغا كىرگۈزۈش ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. ھۇمەيرا رايونى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر