ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 63 ئادەم ئۆلدى

ئەسەد قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ 63 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

87173
ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 63 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيە كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى تەشكىلات بايانات بېرىپ، پايتەخت دەمەشىق، دەرئا، ئىدلىب، ھۇمۇس، ھالەپ، ھاما، كۇنەيترا ۋە دەيرۇززوردا 63 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
بۇنىڭدىن سىرت سۈرىيە ئومۇمىي كېڭەش كېڭىشىمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئىسلامىي فىرونتقا قاراشلىق قىسىملارنىڭ ھالەپتە بىر تانكىنى ۋەيران قىلغانلىقى ۋە ئەسەد قىسىملىرىغا قاراشلىق بىنالارغا توپ ئوقلىرى ئېتىپ ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە تىكئۇچارلارنىڭ ھالەپتە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا «ۋرىل بومبىلىرى» بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ پايتەخت دەمەشىقنىڭ دۇماي دەرەيا، كابۇن، جوبار ۋە مۇلەيھا رايونلىرىغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر