ياۋروپا رۇسىيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلدى

66358
ياۋروپا  رۇسىيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش توغرىسىدا قەدەم تاشلىمىغان موسكۋا ھۆكۈمىتىگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىريۇسسېلدا بىر يەرگە توپلاندى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىلغان ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلغان قارا تىزىملىككە، يېڭى ئىسىملارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى پەرەز قىلىنماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرلىرىنىڭ قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇۋېلىنىشىغا كۈچ چىقارغان ئىككى شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، دائىرىنى كېڭەيتىشى كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئەمما، يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان رۇسىيە رەھبەرلىرى سالاھىيىتىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ئاز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا موسكۋاغا قارىتا تەسىرىنىڭ ئاجىز بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 – باسقۇچ بولسا، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلمايدۇ.

يىغىندىن بۇرۇن سۆز قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەتلەر ئالىي ۋەكىلى كاترىن ئاشتون، موسكۋادىن رايون ۋەزىيىتىنى پەسەيتىدىغان قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋىليام ھاگۇئې، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمنىڭ دۇنيا ئالدىدا ھېچقانداق مەنىسى يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر