جۇڭگو تۈركىيەگە پويىز لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىماقتا

جۇڭگو تۈركىيەگە قارىتا تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىماقتا

65115
جۇڭگو تۈركىيەگە پويىز لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگو تۈركىيەگە قارىتا تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىماقتا.
جۇڭگونىڭ بىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا، يەنە بىرى تۈركىيەنى كېسىپ ئۆتۈپ، گېرمانىيەگە يېتىپ بارىدىغان خەلقئارالىق ئىككى تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھەسى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دۆلەتنىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان «Beijing Times» نىڭ، ئىنژېنېرلار ئاكادېميەسى مۇتەخەسسىسى ۋاڭ مىڭشۇنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيانغا بەرپا قىلىنىدىغان تۇنېلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھە ئارقىلىق ، مانجۇ - سېربىيە -ئالاسكا - كانادا لىنىيەسى ئارقىلىق ئامېرىكىغا تۇتىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بۇ دائىرىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىق ۋە لايىھەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۆلچەرلىنىشىچە، دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن تۆمۈر يولى بولغان 3 مىڭ كىلومېتىرلىق تىرانس - سېربىيە لىنىيەسىدىن 10 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇن بولۇشى تەخمىن قىلىنىۋاتقان لايىھە ئارقىلىق جۇڭگودىن ئامېرىكىغا سائىتىگە 350 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن 2 كۈندە يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن.
لايىھەگە رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇڭگونىڭ ئۈچ تۈرلۈك خەلقئارالىق تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈرۈمچىدىن باشلىنىپ، قازاقىستان - ئۆزبېكىستان - تۈركمەنىستان - ئىران - تۈركىيە لىنىيەسى ئارقىلىق گېرمانىيەگىچە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يولى لايىھەسىمۇ بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر