ئەلجاربا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولماقتا

64461

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئەھمەد ئەلجاربا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولماقتا.
جاربا، پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئۇچرىشىشتا، رايوندىكى ئاشقۇن گۇرۇپپىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى، خىمىيەلىك قوراللارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ دائىرىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 27 مىليون دوللارلىق ياردەم لايىھەسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەتتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك چارە ئىزدەش خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاشىنگىتون بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە.
ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىكى، 6 نەپەر سۈرىيەلىك ئەمەلدار بىلەن بىر رۇسىيە بانكىسىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە نەق پۇل ياردەم قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان رۇسىيە بانكىسى بىلەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئالاقە ئورنىتىشى چەكلەندى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېمبارگو دائىرىسىگە داخىل قىلىنغان شەخسلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مال - مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ قويۇلدى.
بۇ قارار بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدىكى كىرىزىس باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 200 كىشى ۋە ئورگانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن بولدىتۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئەھمەد ئەلجاربا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولماقتا.
جاربا، پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئۇچرىشىشتا، رايوندىكى ئاشقۇن گۇرۇپپىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى، خىمىيەلىك قوراللارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ دائىرىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 27 مىليون دوللارلىق ياردەم لايىھەسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەتتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك چارە ئىزدەش خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاشىنگىتون بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە.
ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىكى، 6 نەپەر سۈرىيەلىك ئەمەلدار بىلەن بىر رۇسىيە بانكىسىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە نەق پۇل ياردەم قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان رۇسىيە بانكىسى بىلەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئالاقە ئورنىتىشى چەكلەندى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېمبارگو دائىرىسىگە داخىل قىلىنغان شەخسلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مال - مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ قويۇلدى.
بۇ قارار بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدىكى كىرىزىس باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 200 كىشى ۋە ئورگانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن بولدى

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر