كېرى جەنۇبىي سۇداندىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلد

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى جەنۇبىي سۇداندىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

63614
كېرى جەنۇبىي سۇداندىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلد

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى جەنۇبىي سۇداندىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، جەنۇبىي سۇداندىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشى ۋە ترەەپلەرنىڭ توقۇنۇش رايونلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئېپىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئاددىس ئابابادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان كېرى، ئېپىيوپىيە، كېنىيە ۋە ئۇگاندا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، جەنۇبىي سۇداندىكى كىرىزىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
جەنۇبىي سۇداندا تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىزچىل تۈردە ئالاقە ئورنىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن كېرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.»
يەنە بىر تەرەپتىن، ئېپىيوپىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى تېدروس ئادھانوم، كېرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئادھانوم، ئۇچرىشىشتا جەنۇبىي سۇدان كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر