جەنۇبىي سۇداندا بىخەتەرلىك كارىدورى كېلىشىمى ئىمزالاندى

جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك كارىدورلىرى ئېچىلىشى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى

63502
جەنۇبىي سۇداندا بىخەتەرلىك كارىدورى كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي سۇداندا بىخەتەرلىك كارىدورى كېلىشىمى ئىمزالاندى.
جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك كارىدورلىرى ئېچىلىشى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
ئېپىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئابابادا ئىمزالانغان كېلىشىمگە كۆرە، دۆلەتتىكى توقۇنۇشلاردا ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچرىغان رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك كارىدورلىرى ئېچىلىدىكەن.
ھۆكۈمەتلەر ئارا تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان كېلىشىمنى مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى نامىدىن نېيال دىڭ، ئۆكتىچىلەر نامىدىن تابان دىڭ ئىمزالىدى.
جەنۇبىي سۇدان پىرېزىدېنتى سالۋا كىئىر ماياردىت 2013 - يىلى 16 - دېكابىر كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ياردەمچىسى رىئېك ماچارنى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەشەببۇس قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، جەنۇبىي سۇدان ئارمىيەسى بىلەن ماچار تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار باشلانغانىدى.
كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى مەقسىتىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ماچارغا قاراشلىق ھەيئەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېپىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئابابادا 3 - يانۋار كۈنى باشلانغان ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارا تەرەققىيات كومىتېتىغا قاراشلىق مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھەيئىتىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى دائىرىسىدە، 23 - يانۋار كۈنى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشى نىشان قىلىنغان كېلىشىم ئىمزالانغان بولسىمۇ بىراق قەغەز ئۈستىدىلا قالغانىدى. تەرەپلەر بولسا بۇ ھەقتە بىر - بىرىنى ئەيىبلەشكەنىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر