مىسىر رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئىككى كۈنلۈك ئاچتى
62567
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ غەززەنىڭ سىرتقى دۇنياغا ئېچىلىدىغان بىردىنبىر ئىشىكى بولغان رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئۆمرىگە بارغۇچىلار ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ ئىككى كۈنلۈك ئاچىدىغانلىقى، چېگرادىن ئۆمرىگە بارغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىسىر، 2013- يىلى ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى سەۋەبىدىن غەززەنىڭ دۇنيا بىلەن ئالاقە ئورنىتىدىغان بىردىنبىر چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن كىرىش - چىقىشلارغا ئالاھىدە ئەھۋاللار ۋە مەلۇم مۇددەت بەلگىلەپ رۇخسەت قىلىپ كەلمەكتە.