ئىراقتا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلمەكتە

بۈگۈن ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئىراقتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى.

61835
ئىراقتا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلمەكتە

بۈگۈن ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئىراقتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى.
ئىراق خەلقى ساددام ھۇسەيىننىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن بويان تۆتىنچى قېتىم ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈپ بېلەت تاشلىماقتا. 9 مىڭدىن ئارتۇق نامزات 328 ئەزاسى بار پارلامېنتقا كىرىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىدىغان سايلامدا 21 مىليون 400 مىڭ كىشى بېلەت تاشلايدۇ. ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئەنبار ۋىلايىتىدە سايلام ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. سايلامدا شىئەلەرنىڭ ئىككى، سۈننىيلەرنىڭ ئۈچ، كۇرتلارنىڭ بىر پارتىيەسى سايلامغا كىرەلىدى. بۇ قېتىمقى سايلاملاردا ئىككى قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن نۇرى ئەلمالىكىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى شىئە پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى 328 ئورۇندۇقتىن 100 نى قولغا كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئىككى چوڭ شەھەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇشى مالىكىنىڭ ئىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغاندەك قىلىدۇ.
سايلاملاردىن ئىلگىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلدى. ئىراق مىقياسىدا بىر ھەپتە تەتىل قىلىندى. ئىراق ھاۋا تەۋەلىكىمۇ بۈگۈن كەچكىگە ئۇچۇشلارغا تاقىۋېتىلدى. بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ شۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇشىغا قارىماي، باغدادنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سەئدىييە بازىرىدىكى بىر ئۈستى ئوچۇق بازاردا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشلاردا 17 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 42 ئادەم يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر